Dostlargha - 阿布都如苏力·吾布力
词:Abdurusul-Obul
曲:Abdurusul-Obul
سۆزى ئابدۇرۇسۇل ئوبۇل
مۇزىكىسى ئابدۇرۇسۇل ئوبۇل
ئەجەپ گۈزەل بىر چاغلار ئىكەن،
دوستلار بىللە يۈرگەن شۇ ۋاقتلار
مۇڭدىشاردۇق قېنىشماي شۇنچە،
سەزمەي يورۇپ كېتەتتى تاڭلار
شۇنچە خۇشال يۈرەر ئىدۇق بىز،
مۇڭلىناتتۇق ياڭرىتىپ سازلار،
تۆگىمەيتى ئېيتىپ ھېكايە
گاھى كۈلۈپ يىغلايتۇق گاھى،
جەم بولغاندا بىر يەرگە دوستلار،
ئېسىڭدىمۇ ئەشۇ رىۋايەت
يىپى ئۈزۈك مارجاندەكلا بىز،
مانا بۈگۈن چېچىلدۇق ھەريان
دىل رىشتىمىز ئۈزۈلمەس بىراق،
ياقا يۇرتتا يۈرسەكمۇ سەرسان
قېنى دوستلار شۇ گۈزەل چاغلار،
قەلبىمىزنى چىرماپ ئالدى غەم
ئەشۇ كۈنلەر كېلەرمۇ قايتىپ،
يەنە قايتا بولارمىزمۇ جەم
دىل رىشتىمىز ئۈزۈلمەس بىراق،
ياقا يۇرتتا يۈرسەكمۇ سەرسان
قېنى دوستلار شۇ گۈزەل چاغلار،
قەلبىمىزنى چىرماپ ئالدى غەم
ئەشۇ كۈنلەر كېلەرمۇ قايتىپ،
يەنە قايتا بولارمىزمۇ جەم
展开